خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، 2015 - يىللىق شىنجاڭنىڭ كىيىم ـ كېچەك كەسپىدە ئىگىلىك تىكلەش ۋە باشقۇرۇش ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى خۇلاسىلەش، تەقدىرلەش يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىدا ئېچىلدى، يىغىندا، شىنجاڭنىڭ 2015- يىللىق كىيىم – كېچەك كەسىپىدە ئىگىلىك تىكلەش ۋە باشقۇرۇش ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش خىزمىتى يەكۈنلەندى، شۇ يىلى تەربىيەلەشكە قاتناشقان 300 كۇرسانت ئىچىدە، نۆۋەتتە 50 ئوقۇغۇچى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ، 2500 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشغا تۈرتكە بولدى. 2015 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىن 300 كۇرسانت بۇ تەربىيەلەشكە قاتناشقان بولۇپ، 2016 - يىلى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرىدىغان ئادەم سانى 500 گە كۆپەيتىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى