شىنجاڭ ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ سۈپىتىنى دەرىجە بويىچە باھالاش كومىتېتى 19-ئىيۇل شىنجاڭ ساياھەت ئورگان تورىدا شىنجاڭدىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن دۆلەتلىك 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىدىن ئۈچىنى، 3A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىدىن ئىككىسىنى ئېلان قىلدى.
بۇ قېتىم يېڭىدىن كۆپەيگەن دۆلەتلىك 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى: شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسى، ئونسۇ ناھىيە تۆمۈر چوققا جىلغىسى مەنزىرە رايونى، قاغىلىق زۇڭلاڭ خىسلەتلىك بۇلاق مەنزىرە رايونىدىن ئىبارەت.