خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭ 19-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن نىنڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ يىنچۈەن شەھىرىدىكى شىنچىڭ مەستىچىگە كېلىپ، دىنىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. مەسچىتتە شى جىنپىڭ نىڭشيا ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ، ئۇلار ئارقىلىق كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىدىن سەمىمىي ھال سورىدى، ھەمدە ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مەملىكىتىمىزدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ۋە دىنلار 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيەت تارىخى جەريانىدا شەكىللىنىپ، پىشىپ يېتىلىپ تەرەققىي قىلغان، پەقەت ئىشنى پۇختا قىلغاندىلا ئاندىن بۇنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ. شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ ۋەتەننى، دىننى سۆيۈش ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىش يولىدا ئاكتىپ رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلدى. نەق مەيداندىكى دىنىي زاتلار مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەم قۇرئان كەرىمنى، ھەم بېيىش دەستۇرىنى ياخشى ئوقۇپ، دۆلەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىناق مۇھىت بەرپا قىلىمىز.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى