باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مېڭ جيەنجۇ تەپتىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشنىڭ تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى:

قانۇن نازارەتچىلىكى ئىقتىدارى ۋە قانۇن يۈرگۈزۈش ئىناۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك

2016.07.21 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14-قېتىملىق مەملىكەتلىك تەپتىش خىزمىتى يىغىنى 20-ئىيۇل جىلىن ئۆلكىسىنىڭ چاڭچۈن شەھىرىدە ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مېڭ جيەنجۇ يېقىندا، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك تەپتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەپتىش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن نازارەتچىلىكى ئىقتىدارى ۋە قانۇن يۈرگۈزۈش ئىناۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، تەپتىش فۇنكسىيەسىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تىنچ - ئامان جۇڭگو، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  مېڭ جيەنجۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن نازارەتچىلىكى، ئۆز-ئۆزىنى نازارەت قىلىش ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشىنى توختىماي كۈچەيتىپ، ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە تەپتىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى كۈچلۈك ئەدلىيە كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر