شېننۇڭجيا ئورمان باغچا رايونى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 40-نۆۋەتلىك ب د ت مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا مىراسلىرى كومىتېتى يىغىنى (دۇنيا مىراسلىرى يىغىنى) 17-ئىيۇل تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇلدا ئاخىرلاشتى، يىغىن ۋاقتى ئەسلىي پىلاندىكىدىن ئۈچ كۈن قىسقارتىلدى.
بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا 15-ۋە 17-ئىيۇل جۇڭگونىڭ گۇاڭشى ئۆلكىسى زوجياڭ خۇاشەن قىياتاش رەسىم سەنئىتى مەدەنىيەت مەنزىرىسى ۋە خۇبېيدىكى شېننۇڭجيا ئورمان باغچا رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 21 جايدىكى يېڭى دۇنيا مىراسلىرى ماقۇللاندى. ھازىرغىچە دۇنيا مىراسلىرى ئومۇمىي سانى 1052گە يەتتى، بۇلار دۇنيادىكى 165 دۆلەتكە تارقالغان. جۇڭگودا دۇنيا مىراسلىرىغا كىرگۈزۈلگەن 50 جاي بار.
زوجياڭ خۇاشەن قىياتاش رەسىم سەنئىتى مەدەنىيەت مەنزىرىسى (جۇڭگو) جۇڭگونىڭ غەربىي جەنۇب چېگرا رايونىدىكى تىك قىيالارغا جايلاشقان. بۇ 38 يەردىكى قىياتاش رەسىملىرى لۆگۋېت مىللىتى كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ۋە دىنىي مۇراسىم كۆرۈنۈشلىرى نامايان قىلىنغان. بۇ سىزمىلار مىلادىيەدىن بۇرۇنقى بەشىنچى ئەسىردىن مىلادىي 2-ئەسىرگىچە سىزىلغان قىياتاش سىزمىلىرى بولۇپ، بۇ سىزمىلارنى ساقلاپ قالغان كارست يەر شەكلى، دەريا ۋە تۆپىلىكلەرگىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. بۇ سىزمىلار ئىلگىرى جۇڭگونىڭ جەنۇبىدا بىر مەھەل گۈللەنگەن برونزا دۇمباق مەدەنىيەت مۇراسىملىرىنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنى نامايان قىلغان بولۇپ، بۇ مەدەنىيەت مەنزىرىسى ھازىر بۇ خىل مەدەنىيەتنىڭ مەۋجۇد بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بىردىنبىر ئىسپات بولۇپ قالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى