باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: پىروفېسسور بولۇش ئۈچۈن چوقۇم تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس ئۆتۈش لازىم

2016.07.21 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەز تارماقلىرىغا قاراشلىق بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەردە مائارىپ ئوقۇتۇش ئىدىيەسىنىڭ بىر قەدەر ئارقىدا قېلىشى، مېخانىزملارنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى، مەزمۇن، ئۇسۇللارنىڭ كونا ۋە يەككە بولۇشى، ئەمەلىيەت ئوقۇتۇشى بىر قەدەر ئاجىز بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان «مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مەركەز تارماقلىرىغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ئائىت كۆرسەتمىلىك پىكرى»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى، پىروفېسسور، دوتسېنت (ئالىي ئۇنۋانلىق ئوقۇتقۇچى)لار تولۇق كۇرس ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى كۆپرەك ئۈستىگە ئېلىشى، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈشى لازىم؛ باشقۇرۇش چارىلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، پىروفېسسورلارنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس ئۆتۈشتىكى ئاساسىي تۈزۈمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تولۇق كۇرس ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى پىروفېسسورلۇققا تەكلىپ قىلىشنىڭ ئاساسىي شەرتى قىلىش، ئىلغار ئوقۇتقۇچىلارنى تولۇق كۇرس بىرىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس ئۆتكۈزۈش لازىم.

  «پىكىر»دە يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلمىي بولغان يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مائارىپ ئېڭىنى پۇختا تىكلەپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مائارىپىنى ئالىي مەكتەپ مائارىپ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنىڭ ئىچكى تەلىپى ۋە زۆرۈر مەجبۇرىيىتى قىلىپ، كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش لايىھەسىنى ئۆزگەرتىپ تۈزۈپ، يېڭىلىق يارىتىش روھى، ئىگىلىك تىكلەش ئىدىيەسىنى ۋە يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سۈپىتىنى باھالاشنىڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچى قىلىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر