باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە تاشقىن مەزگىلىدىكى خەتەردىن ساقلىنىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

زېمىننى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەلققە چەكسىز مەسئۇل بولۇش روھى بىلەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك

لى كېچياڭ تەستىق سالدى

2016.07.21 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە تاشقىن مەزگىلىدىكى خەتەردىن ساقلىنىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مۇھىم كۆرسەتمە بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خەلق تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش، قىلچىمۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، خەلققە چەكسىز مەسئۇل بولۇش روھى بىلەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مەسىلىلەرنى خەلقنىڭ نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئويلاپ، زور يوشۇرۇن خەۋپكە ھادىسە ئورنىدا مۇئامىلە قىلىپ، زېمىننى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەلقنى خاتىرجەم قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قارشى تۇرغۇزۇپ، بىخەتەرلىك بىلەن تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، تەرەققىياتنى قوغلىشىشنىڭ بەدىلىگە بىخەتەرلىكتىن ئىبارەت قىزىل سىزىقنى قۇربانلىق قىلماسلىقى كېرەك. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ھەر بىر تۈر، ھەر بىر ھالقا بىخەتەرلىكنى ئالدىنقى شەرت قىلىشى، قىلچىمۇ بىخەستەلىك قىلماسلىقى كېرەك. پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمەت مەسئۇلىيىتى تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلارنى سۈرۈشتۈرۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنى توسۇشنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي خىزمىتىنىڭ مۇھىم ھالقىسى قىلىپ، كۆمۈر كانى، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملار، يول تىرانسپورت جەھەتلەردە بىر تۈركۈم ھاياتلىق مۇھاپىزەت قۇرۇلۇشىنى پىلانلاپ يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم ئىلغار بىخەتەرلىك ئالدىنى ئېلىش تېخنىكىسىنى پائال تەتقىق قىلىپ ياساپ، بىخەتەر تەرەققىي قىلىش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر