خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خېنەن ئۆلكىسى ئەنياڭ شەھىرى سۇيجياچياۋدىكى كەلكۈن بېسىپ كەتكەن ئېتىزلىقلار (20-ئىيۇل تارتىلغان). 20-ئىيۇل سائەت 15تە، خېنەن ئۆلكىسى ئەنياڭ شەھەرلىك كەلكۈندىن مۇداپىيە كۆرۈشكە قوماندانلىق قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئەنياڭ شەھىرىدە 19-ئىيۇلدىن باشلاپ قاتتىق يامغۇر ياغقان، قىسمەن رايونلاردا قارا يامغۇر ياغقان، شەھەر رايونى ئەتراپىدىكى ئۈچ چوڭ سۇ ئامبىرىنىڭ ھەممىسىدە سۇ ئورنى ئېھتىيات سىزىقىدىن ئېشىپ كەتكەن، 98 مىڭدىن ئارتۇق ئامما جىددىي يۆتكەلگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى