باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تاۋباۋ تېز يوللانمىسى بىلەن نەرسە سېتىۋالغاندا ئەرز قىلسا، تېز ھەل قىلىنىدۇ

2016.07.22 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تېز يوللانما شىركەتلىرىنىڭ ئەرزنى بىر تەرەپ قىلىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن، مەسىلىنى ھەل قىلىشى قىيىن بولۇشى بۇ ساھەدىكى ئىزچىل باش ئاغرىتىدىغان مەسىلە بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. لېكىن، مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن ئىگىلىشىچە، سەينياۋ تورى تېز يوللانما شىركىتى باش ئىشتابى، كېلىشىملىك تېز يوللانما تورى ۋە ئىتتىپاقداش تور نۇقتىلىرى بىلەن خېرىدار ئارىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتۇرۇپ، خېرىدارنىڭ تېز يوللانما ئەرزىنى 24 سائەت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىدىغان بولغان.

  ئۇزۇندىن بۇيان، ئىستېمالچىلار تېز يوللانمىنى ئەرز قىلغاندا، ئالدى بىلەن تېز يوللانما شىركىتىنى ئىزدەپ، ئاندىن كونكرېت تور پونكىتىنى ئىزدىگەن ئىدى. ئۇچۇرنى قاتلاممۇ قاتلام تاپشۇرۇش ھەم مۇۋاپىق نازارەت قىلىش چارىسى يوق بولۇپ، ئىستېمالچىلار نارازى بولۇپ كەلگەن. سەينياۋ تورى تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇلتۇر 7-ئايدا «يۈن مۇلازىمەت»نى ئوتتۇرىغا چىقارغان ھەم بۇ يىل تېز يوللانما شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ توردا تۇر پونكىتىغا ئەرز قىلىش يولىنى ئېچىۋەتكەن بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئەرزى بىۋاسىتە تور پونكىتىغا يېتىپ بارىدىكەن، تېز يوللانما شىركىتىنىڭ باش ئىشتابىمۇ ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىدىكەن.

  سەينياۋ تورى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىستېمالچىلار تېز يوللانما شىركەتلىرىنى ئەرز قىلىشى ئاساسلىقى ساختا ئىمزا قويۇپ ئېلىش، ۋاقىت كېچىكىش قاتارلىق جەھەتلەر بولۇۋاتىدۇ. ساختا ئىمزا قويۇپ ئېلىشنى مىسالغا ئالساق، بىر كۈندە قوبۇل قىلىنغان ئىستېمالچىلار ئىنكاس قىلغان بۇ خىلدىكى مەسىلىلەر 120 مىڭدىن ئاشىدۇ.

  توردا ئەرز قىلىش يولغا قويۇلۇپ يەتتە ئايدىن كېيىن، ئىستېمالچىلارنىڭ ئەرز نىسبىتى % 50 تىن ئارتۇق تۆۋەنلىدى. ئەمەلىي ئەھۋالدىن قارىغاندا، «بۇلۇت مۇلازىمىتى»دە ئىستېمالچىلار ئەرزىنىڭ % 50 گە يېقىنى شۇ كۈنى بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر