باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى

2016.07.22 14:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يېقىندا «ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى توغرىسىدىكى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى تارقاتتى. «پىكىر» دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ئومۇمىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيە-خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات ئومۇمىي ئىدىيەسى، مۇھىم ۋەزىپىسى، سىياسەت-تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى، ئۇ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە ۋە دۆلەت ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىغا ئەزەلدىن يۈكسەك ئېتىبار بېرىپ كەلدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيەمىز ئوخشىمىغان تارىخىي دەۋردىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، جۇڭگوچە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنىڭ ماس تەرەققىيات يولىنى ئېچىش ئۈستىدە توختىماي ئىزدىنىپ، زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى بىلەن دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. لېكىن شۇنىمۇ تونۇش كېرەككى، ئېلىمىزدە ئارمىيە-خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ئەمدىلا تېخى دەسلەپكى قەدەمدە بىرلىشىشتىن چوڭقۇر بىرلىشىشتەك ئۆتكۈنچى باسقۇچقا كىردى، ئارمىيە-خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئىدىيە، قاراش يېتىشەلمەسلىك، يۇقىرى قاتلامدىن بىر تۇتاش پىلانلاپ باشقۇرۇش تۈزۈمى كەمچىل بولۇش، سىياسەت، قانۇن-نىزام ۋە ھەرىكەت مېخانىزمى ئارقىدا قېلىش، ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قىيىن بولۇش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەر مەۋجۇت بولۇپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما ئومۇمىي ئۈنۈمى ۋە زور يوشۇرۇن كۈچىنى جىددىي قېزىپ يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ئومۇمىيىتى ئېگىزلىكىدە تۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى بىلەن ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سىستېمىسىغا يەنىمۇ سىڭدۈرۈپ، ئىقتىساد ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تەڭشەشنى دۆلەت مۇداپىئە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى بىلەن دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر