باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ترۇمپ: ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدە مالىمانچىلىق ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلدى، باشقا دۆلەتلەرنى ئەيىبلەش ھوقۇقى يوق، دېدى

2016.07.22 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 21-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زوڭتوڭ نامزاتى ترۇمپ زىيارەتنى قۇبۇل قىلغاندا، ئەگەر ئۆزى زوڭتوڭلۇققا سايلىنىپ قالسا، ئۇنىڭ دېپلوماتىيە سىياسىتى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئەنئەنىسى بىلەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدە مالىمانچىلىق ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، باشقا دۆلەتلەرنى ئەيىبلەش ھوقۇقى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

  ترۇمپ، ئامېرىكا چوقۇم ئالدى بىلەن «ئۆزىدىكى مالىمانچىلىق ۋەزىيىتىنى بىر تەرەپ قىلىشى»، ئۇنىڭدىن كېيىن باشقا دۆلەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى سىناپ بېقىشى كېرەك، دەپ قارىدى. ئۇ: «مەن بىزنىڭ ئەيىبلەش ھوقۇقىمىز بار دەپ قارىمايمەن، (دۆلەت ئىچىدە) بەزىلەر رەھىمسىزلىك بىلەن ساقچىلارغا ئوق چىقىرىۋاتقان ئەھۋالدا، بىز قانداق قىلىپ (باشقا دۆلەتلەرنى) ئەيىبلىيەلەيمىز؟»، دېدى.

  ئۆتكەن نەچچە ھەپتىدە، ئامېرىكىدا ئۇدا ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، ئىرقىي قارشىلىشىش ۋەزىيىتى ئېغىرلاشتى. بۇ ئاينىڭ بېشىدا، تېكساس شىتاتى ۋە لويىزاننا شىتاتىدا ئىككى قارا تەنلىك ئوق چىقىرىپ سەككىز ساقچىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى، يەنە 12 ساقچى يارىلاندى. بۇنىڭدىن بۇرۇن، لويىزاننا شىتاتى ۋە مىننېسوتا شىتاتىدا ئىككى قېتىملىق ساقچىلار نېگىرلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئامېرىكىدىكى قارا تەنلىك ئاھالىلەرنىڭ مەملىكەت مىقياسىدا ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى ۋە ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى زور كۆلەملىك نامايىش پائالىيىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر