باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى 4 A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى كۆپىيىپ 68 گە يەتتى

2016.07.22 14:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا شىنجاڭدا 4 A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن ئۈچى، 3 A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن ئىككىسى كۆپەيدى. شۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭدىكى 4 A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى 68 گە، 3 A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى 102 كە يەتتى.

  19 - ئىيۇل، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ سۈپەت دەرىجىسىنى باھالاپ بېكىتىش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىم دۆلەت 4 A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىدىن ئايرىم - ئايرىم شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسى، ئونسۇ ناھىيەسى تۆمۈرچوققا چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى، قاغىلىق ناھىيەسى زۇڭلاڭ شىپالىق بۇلاق مەنزىرە رايونى يېڭىدىن كۆپەيگەن. بۇنىڭدىن سىرت، دۆلەت 3 A دەرىجىلىك ئىككى ساياھەت مەنزىرە رايونى يېڭىدىن كۆپەيگەن بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىشتابى پەن - تېخنىكا تەتقىقات بازىسى ۋە شىنجاڭ قاڭقىللار قەدىمىي يولى مەنزىرە رايونى ئىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ سۈپەت دەرىجىسىنى باھالاپ بېكىتىشتە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى «ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ سۈپەت دەرىجىسىنى ئايرىش ۋە باھالاش» بىلەن « ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ سۈپەت دەرىجىسىنى باشقۇرۇش چارىسى» ئاساس قىلىنىدىكەن، مۇناسىۋەتلىك ۋىلايەت، ئوبلاسىت، شەھەرلەرنىڭ ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ سۈپەت دەرىجىسىنى باھالاپ بېكىتىش كومىتېتى تەۋسىيە قىلىدىكەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ سۈپەت دەرىجىسىنى باھالاپ بېكىتىش كومىتېتى تەشكىللەپ باھالايدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر