خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 20 - ئىيۇل يىنچۈەندە شەرقىي، غەربىي رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شەرقىي، غەربىي رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقى ۋە بۇ رايونلارغا نىشانلىق ياردەم بېرىش −− رايونلارنىڭ ماس، ھەمكارلىق ئاساسىدىكى، ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى زور ئىستراتېگىيە، شۇنداقلا رايونلار ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ياخشىلاش، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىش يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىشتىكى چوڭ ئورۇنلاشتۇرما، ئالدىن بېيىغانلار بېيىشتا كېيىن قالغانلارغا ياردەم بېرىش، ئەڭ ئاخىرىدا ئورتاق بېيىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى چوڭ تەدبىر بولۇپ، ۋەزىيەتنى جەزمەن ئېنىق تونۇپ، دىققەتنى دەل جايىدا بولۇشقا، نامراتلارنى يۆلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، ئەمەلىي ئۈنۈمگە كاپالەتلىك قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، خىزمەت سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى ئومۇميۈزلۈك قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنى كۆزدىن كەچۈرگەن مەزگىلدە بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىنى مەخسۇس ئاچتى. سۆھبەت يىغىنىغا بېيجىڭ، تيەنجىن، لياۋنىڭ، شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، فۇجيەن، شەندۇڭ، گۇاڭدۇڭ ۋە داليەن، سۇجۇ، خاڭجۇ، نىڭبو، شيامېن، چىڭداۋ، گۇاڭجۇ، شېنجېن، جۇخەي قاتارلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋەزىپىسى بار شەرقىي رايوندىكى توققۇز ئۆلكە، شەھەر ۋە توققۇز شەھەرنىڭ شەھەرلىك پارتكوم شۇجىلىرى، ئىچكى موڭغۇل، گۇاڭشى، چۇڭچىڭ، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن، شىزاڭ، شەنشى، گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشيا، شىنجاڭ قاتارلىق نىشانلىق ياردەم بېرىلىۋاتقان 12 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرنىڭ پارتكوم شۇجىلىرى، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان خېبېي ئۆلكىسىنىڭ پارتكوم شۇجىسى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى