خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېرتىش دەرياسى شىنجاڭ كۆكتوقاي ناھىيەسى تەۋەسىدىكى ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىن باشلانغان بولۇپ، يول بويى غەربىي شىمال تەرەپكە ئېقىپ، بۇرچىن ئارقىلىق قابا ناھىيەسىنىڭ غەربىدىكى دۆلىتىمىز چېگراسىدىن ئېقىپ ئۆتۈپ، قازاقىستان چېگراسى ئىچىدىكى زايسان كۆلىگە قوشۇلۇپ، يەنە شىمالغا قاراپ ئېقىپ، روسىيەنىڭ ئوب دەرياسى ئارقىلىق شىمالىي مۇز ئوكيانغا قۇيۇلىدۇ. بۇ ئېلىمىزدىكى بىردىنبىر شىمالىي مۇز ئوكيانغا قويۇلىدىغان دەريا.
بۇرچىن خۇددى ئېرتىش دەرياسىغا نەقىشلەنگەن بىر تال ياقۇتقا ئوخشاش، ئېرتىش دەريا بويىدا جۇلالىنىپ تۇرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى