باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 0-3 ياشتىكى بالىلار مېڭە پارالىچ كېسىلى بويىچە ھەقسىز تەكشۈرۈلىدۇ

2016.07.22 14:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-ئىيۇل، ئاپتونوم رايونلۇق مېڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى تاللاپ تەكشۈرۈش ۋە سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى يىغىنى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 2 - دوختۇرخانىدا ئېچىلدى، بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىشى، شىنجاڭ بويىچە 0-3 ياشتىكى بالىلارنىڭ مېڭە پارالىچ كېسىلى بويىچە ھەقسىز تەكشۈرۈش ۋە سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مۇھاكىمە قىلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە بالىلار تۇغما يۈرەك كېسىلى ۋە مېڭە پارالىچى يۇقىرى ھەم خەتەرلىك بالىلارنى تاللاپ تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ھەم ئۇنى ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى يىلىدىكى ئاممىنىڭ ئىنكاسى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان مۇھىم تەدبىر قاتارىغا كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى. 7 - ئاينىڭ 5-كۈنى شىنجاڭدىكى بالىلار تۇغما يۈرەك كېسىلى ۋە مېڭە پارالىچى يۇقىرى ھەم خەتەرلىك بالىلارنى تاللاپ تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش قىلىش يىغىنى ئېچىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى <0-3> 0-3 ياشتىكى بالىلارنىڭ مېڭە پارالىچ كېسىلى بويىچە ھەقسىز تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى، بۇ كبسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش راسخوتىنى شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە يېزىلاردىكى يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى پۈتۈنلەي ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  بۇ قېتىم مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى يىغىن ئېچىپ، مېڭە پارالىچى يۇقىرى ھەم خەتەرلىك بالىلارنى تاللاپ تەكشۈرۈش ئۆلچىمى، ئوپېراتسىيە ئۆلچىمى، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۆلچىمى، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاپپاراتلىرى ئۆلچىمى قاتارلىقلارنى تۈزۈپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مۆلچەرلىنىشىچە، بىر ھەپتە ئىچىدە تۈزۈپ چىقىلىدىكەن، 8 - ئايدا سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە تېخنىك تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلىدىكەن. 8 - ، 9- ئايدا ئاپتونوم رايون بويىچە 0-3 ياشقىچە بولغان بالىلارنى تاللاپ تەكشۈرۈش باشلىنىدىكەن.

  مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئالتە كىچىك گۇرۇپپىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرمۇ باھالاش، تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتنىشىدىكەن. ھەربىر گۇرۇپپا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى چوڭ دوختۇرخانا بالىلار نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، بالىلار نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، جۇڭگو تېبابىتى ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمى قاتارلىق بۆلۈملەردىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەردىن تەركىب تاپىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر