باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئىچىدە قاتناش جەرىمانىسىنى يانفون ئارقىلىق تاپشۇرغىلى بولىدۇ

2016.07.22 14:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-ئىيۇل، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول قاتناش ساقچىلىرى تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، بىر يىلدىن كۆپرەك سىستېمىنى سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىش ئارقىلىق، «شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش ساقچىسى» ئۈندىدار سۇپىسى (ئۈندىدار نومۇرى: xjgsjj) دا قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈش ھەم يول ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپلا قالماي، يەنە يانفون ئارقىلىق قاتناش جەرىمانىسىنى تۆلەش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. پەقەت شىنجاڭ ئىچىدە قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى كۆرۈلسىلا، مەيلى قەيەرنىڭ ئاپتوموبىلى بولۇشتىن قەتئىينەزەر ھەممىسى ئۈندىدار سۇپىسى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن.

  دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى، يانفوندا جەرىمانە تۆلەشتىن بۇرۇن، ئاپتوموبىل ئىگىسى چوقۇم يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىگە قاراشلىق چوڭ ئەترەت ياكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى قارىمىقىدىكى ھەر قايسى چوڭ ئەترەتلەرگە بېرىپ، مەمۇرىي جازا قارارنامىسىنى كەستۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن يانفوندا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى بىر تەرەپ قىلىسا ھەمدە جەرىمانە تۆلىسە بولىدىكەن. يۇقىرىقى ئىككى تۈرلۈك قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىدىن باشقا ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق قاتناش ساقچى تارماقلىرى كەسكەن مەمۇرىي جازا قارارنامىسىنى «شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش ساقچىسى» ئۈندىدار سۇپىسى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلغىلى بولمايدىكەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، قاتناش ساقچى تارماقلىرى ھەرقايسى شوپۇر ۋە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسىنى ئەسكەرتىدۇ: قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلغاندا، «شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش ساقچىسى» ئۈندىدار سۇپىسىدا ئالاقىلشىش نومۇرىنى قالدۇرۇش توغرىسىدا ئەسكەرتىش بەرگەندە، سىز چوقۇم توغرا تولدۇرۇشىڭىز لازىم، شۇندىلا جەرىمانە پۇلىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن ئەگەر مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىسا، مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ سىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، پۇلىڭىزنى قايتۇرۇپ بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر