باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندىستاندىكى شىركەتلەر خىزمەتچىلەرنى كىنو كۆرۈشكە قويۇۋەتتى

2016.07.22 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندىستاننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى نۇرغۇن شىركەتلەر خىزمەتچىلىرىنىڭ 22-ئىيۇل قويۇلىدىغان ھىندىستاننىڭ ساقچى ۋە جىنايەتچى فىلىمى «كابال»نى كۈرۈشىگە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، 22-ئىيۇل خىزمەتچىلىرىنى ئارامغا قويۇۋېتىشنى پىلانلىغان.

  65 ياشلىق ئارتىس راجىنى كانت ھىندىستاندىكى ئەڭ ئالقىشلىنىدىغان ئەر ئارتىسنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ باش رول ئالغان تامىل تىلىدىكى «كابال» ناملىق كىنو 22-ئىيۇل ھىندىستاندىكى 12 مىڭ كىنوخانىدا قويۇلىدۇ. ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى نۇرغۇن شىركەتلەر بۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەتچىلىرى كىنو كۆرۈشكە قويۇۋەتتى.

  بىر شىركەتتىكى مۇناسىۋەتلىك كىشى بۇنداق قىلىشنىڭ «خادىملار تارماقلىرىدا رۇخسەت سوراش خېتى دۆۋىلىنىپ كېتىش»تىن ساقلىنىش ئۈچۈن، دېدى.

  بانگالوردىكى مەلۇم شىركەتتىكى بىر كىشى، خىزمەتچىلەرنىڭ «يالغاندىن كېسەل بولۇپ ئىش تاشلاپ، يەنە تېلېفونىنى ئىتىۋېلىشى، ھەتتا كوللېكتىپ يالغان سۆزلىشى»دىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بەزى شىركەتلەر ئارامغا قويۇۋېتىپلا قالماي، يەنە خىزمەتچىلىرىگە ھەقسىز كىنو بېلىتى تارقاتتى.

  راجىنى كانت ھىندىستاندىكى ئەڭ بازارلىق ئەر ئارتىسنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ باش رول ئالغان «كابال»نىڭ قويۇش ھوقۇقىلا 30 مىليون دوللار (خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 200 مىليون دوللار)غا سېتىلغان بولۇپ، كىنونىڭ يەنە ھىندى تىلى، مالاي تىلى ۋە تېلۇگۇ تىلىدىكى خەت كىرگۈزۈلگەن نۇسخىلىرى بار. ئاسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەخسۇس چېننەي بىلەن بانگالور ئارىسىدىكى «كابال» لىنىيەسىنى ئاچقان بولۇپ، ئايروپىلاندا راجىنى كانت ياقتۇرىدىغان يېمەكلىكلەر تەمىنلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر