باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى: دۆلەت ئىچىدىكى تەييار ماي باھاسى مېخانىزم بويىچە تۆۋەنلىتىلدى

2016.07.22 15:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيانقى خەلقئارا بازاردىكى ماي باھاسىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، نۆۋەتتىكى تەييار ماي باھاسىنىڭ ھاسىل بولۇش مېخانىزمى بويىچە، 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 24تىن باشلاپ، دۆلەت ئىچىدىكى بېنزىن، دېزىل مېيىنىڭ باھاسى (ئۆلچەملىك مەھسۇلات، تۆۋەندە ئوخشاش)نىڭ ھەر توننىسى ئايرىم-ئايرىم 155 يۈەن ۋە 150 يۈەن تۆۋەنلىتىلدى. تەڭشەلگەندىن كېيىن، ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لەر ۋە مەركىزىي شەھەرلەردىكى بېنزىن، دېزىل مېيىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىلىش باھاسىدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ. شىنجاڭدا بېنزىن (ئۆلچەملىك مەسۇلات)نىڭ ھەر توننىسىنىڭ باھاسى 6950 يۈەن، دېزىل مېيى (ئۆلچەملىك مەسۇلات)نىڭ ھەر توننىسىنىڭ باھاسى 6105 يۈەن بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك باھا بىرلەشمە سىياسىتى ۋە تولۇقلىما سىياسىتى ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

  جۇڭگو نېفىتى، جۇڭگو نېفىت خېمىيە، جۇڭگو دېڭىز نېفىت خىمىيەسى قاتارلىق ئۈچ چوڭ شىركەت تەييار ماي ئىشلاپچىقىرىش ۋە توشۇشنى ياخشى تەشكىللەپ، بازارنىڭ سالماق تەمىنلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى، دۆلەتنىڭ باھا سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى لازىم. ھەر دەرىجىلىك باھا باشقۇرۇش تارماقلىرى بازارنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى كۈچەيتىشى، دۆلەتنىڭ باھا سىياسىتىنى ئىجرا قىلماسلىق قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشى، نورمال بازار تەرتىپىنى قوغدىشى لازىم. ئىستېمالچىلار 12358 باھا نازارەت سۇپىسى ئارقىلىق، باھادىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر