باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

«زەھەر چەكلەش خىزمىتىنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش» نى چۆرىدەپ چارە-تەدبىر كۆرسەتتى، يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2016.07.22 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 21-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا 53-قېتىملىق قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، «زەھەر چەكلەش خىزمىتىنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش» نى چۆرىدەپ چارە-تەدبىر كۆرسەتتى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىدىن چېن جىپىڭ، ۋاڭ خۇڭيەن، شى جۇڭيەن، ۋاڭ كاڭ، ليۇ مۇرېن، دەي شيۇيىڭ، جېڭ شۆبىڭ، لى خەنبو، ياڭ جېنجياڭ، شاۋ مىڭلى، كۇڭ يۈفاڭ، لى يۆفېڭ، بو شاۋيې، ئەي شۈ، خۇاڭ ئېرمېي ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملاردىن لى يالۇڭ، شيې خۇ، لى ۋېنجۈن قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلدى.

  ئەزالار مۇنداق قارىدى: زەھەر چەكلەش خىزمىتى دۆلەتنىڭ تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە زاۋاللىققا يۈزلىنىشى، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جايلار زەھەر چەكلەش خەلق كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زەھەر چەكلەش خىزمىتىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىراق شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، بىز دۇچ كېلىۋاتقان زەھەر چەكلەش ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىن بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ زەھەر چەكلەش خىزمىتىدە يەنە بەزى گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە ئاجىز ھالقىلار مەۋجۇت. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى ۋە زەھەر چەكلەش خىزمىتىگە ئالاقىدار مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت ئېڭى بىلەن، تۈرلۈك زەھەر چەكلەش خىزمىتى تەدبىرلىرىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، بوشاشماي دائىم چىڭ تۇتۇپ، زەھەر چەكلەش خەلق كۈرىشى غەلىبىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر