- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
خېبېي ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لياڭ بىڭنىڭ پارا ئېلىش جىنايىتىگە 1-سوت سوت ئېچىلدى
2016.07.22 15:15 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈمەت مىكرو بىلوگىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى، لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مەھكىمە باشلىقى ليو جىڭدوڭنىڭ باش سوتچىلىقىدا 1-قېتىم ئاشكارا سوت ئېچىپ، ج ك پ خېبېي ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لياڭ بىڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا قاراپ چىقىپ بىر تەرەپ قىلغان.
لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: 2004-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە، جاۋابكار لياڭ بىڭ سەنشى ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى، ج ك پ سەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى، ج ك پ خېبېي ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەش قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، سەنشى ئۆلكىلىك قۇرۇلۇش لايىھەلەش تەتقىقات يۇرتىنىڭ سابىق باشلىقى جاۋ يۇتىڭ، سەنشى ئۆلكىسى باۋجىې ئۆي-زېمىن تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئورۇن، شەخسلەرنىڭ خىزمىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۆي-زېمىن ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۈرۈشىغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق، بىۋاسىتىلىك ياكى ئايالى لى شياۋلىن ئارقىلىق جاۋ يۈتىڭ، چېڭ لاشېڭ قاتارلىق 15 كىشىنىڭ پۇل-مېلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان بولۇپ، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 5 مىليون 570 مىڭ يۈەن بولغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر