سۈرەتتە: 21-ئىيۇل، كىشىلەر ياپونىيەنىڭ توكيو كاندا دەرياسى ھالقىسىمان 7-نومۇرلۇق يولى يەر ئاستى تەڭشەش كۆلچىكىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كاندا دەرياسى تەڭشەش كۆلچىكى ئەمەلىيەتتە غايەت زور بىر يەر ئاستى تونېلى بولۇپ، 1988-يىلى سېلىنغان. يەر ئاستى 40 نەچچە مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى بېتون تونېلنىڭ دىيامېتىرى 12.5 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 4.5 كىلومېتىر، سۇ ساقلاش مىقدارى تەخمىنەن 540 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. بۇ ئەسلىھەلەرنىڭ ئۈچ سۇ باشلاش ئېغىزى بار بولۇپ، كاندا دەرياسىنىڭ ئۈچ دەريا كەلكۈنىنى يەر ئاستىدىكى تەڭشەش كۆلچىكىگە باشلىغىلى بولىدۇ. توكيو قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1997-يىلىدىن باشلاپ بىر قىسمى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن 2013-يىلىغىچە، كاندا دەرياسى يەر ئاستى تەڭشەش كۆلچىكى قارا يامغۇر ۋە تەيفېڭ بورىنى يۈز بەرگەندە جەمئىي 34 قېتىم ئاققۇزۇلغان، بۇ ۋادا كەلكۈن ئاپىتىنى يېنىكلىتىشتە كۆرۈنەرلىك رول ئوينىغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى