- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئالدىنقى يېرىم يىلدا تېز يەتكۈزۈش كەسپى مىقدارى %56.7 ئاشتى
2016.07.22 15:57 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ يېقىندا دۆلەت پوچتا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، مەملىكەت بويىچە تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمەت كارخانىلىرىنىڭ كەسىپ مىقدارى 13 مىليارد 250 مىليون پارچىغا يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن % 56.7 ئاشقان؛ كەسپىي كىرىمى 171 مىليارد 460 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 43.4 ئاشقان؛ بۇنىڭ ئىچىدە، بىر شەھەرنىڭ كەسپىي كىرىمى 24 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 43.3 ئاشقان؛ باشقا جايلارنىڭ كەسپىي كىرىمى 92 مىليارد 580 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %41.1 ئاشقان؛ خەلقئارا ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنگە تېز يەتكۈزۈش كەسپىي كىرىمى 19 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 14.7 ئاشقان .
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر