باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى

كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى ۋە تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىش كېرەك

2016.07.22 13:41         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە 21 - ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھازىرقى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش - خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش - خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش، تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھازىرقى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش - خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسىنى تۈگىتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بۇ يىل ئېلىمىزدە كىلىمات بىنورمال بولۇپ، قىسمەن رايونلار ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دائىرىسى كەڭ، تاغلىق رايون كۆپ، قىسمەن رايونلاردا كۈچلۈك ھۆل - يېغىن كۆرۈلۈپ، كەلكۈن، لاتقا - شېغىللىق ئېقىن يۈز بېرىش ئېھتىمالى نىسبەتەن چوڭ. جايلار، ئالاقىدار تارماقلار بىخۇدلۇق، بوشاڭلىق ئىدىيەسى ۋە قارىغۇلارچە تەلەي سىناش پىسخىكىسىنى يېڭىپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىدىيەۋى تەييارلىقى ۋە خىزمەت تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، قىلچە بىپەرۋالىق قىلماي، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەۋقەنى ئالدىنى ئېلىشقا قويۇپ، تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى يېنىكلىتىشتىكى «ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر ۋە جىددىي ئەھۋال ئىشخانىلىرى، زېمىن - بايلىقى، سۇچىلىق، مېتېئورولوگىيە قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالدىن ھۆكۈم قىلىش، سىگنال بېرىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئالدىن سىگنال بېرىش ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئاپەت ئۇچۇرىدىن ھەممىدىن بۇرۇن خەۋەر تېپىشىغا، دەل ۋاقتىدا بىخەتەر يۆتكىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك زىيىنىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىشى كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، جۇ خەيلۇن، خۇاڭ ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، شيۇڭ شۈەنگو، شۈ خەيرۇڭ، غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، پېڭ جيارۇي، ليۇ شىنچى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر