باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيە خەلق پارلامېنتى مەملىكەت بويىچە جىددىي ھالەتنى يەنە ئالتە ئاي ئۇزارتىشنى ماقۇللىدى

2016.07.22 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فىرانسىيە مىللىي پارلامېنتى 20-ئىيۇل مەملىكەت بويىچە جىددىي ھالەتنى يەنە ئالتە ئاي ئۇزارتىشقا قاراپ چىقتى.

  فىرانسىيەدىكى جىددىي ھالەت ئەسلىدە 26-ئىيۇل ئاياغلىشىش قارار قىلىنغان. 14-ئىيۇل، فىرانسىيەنىڭ دۆلەت بايرىمى كېچىسى نىستا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 84 ئادەم قازا قىلىپ، 100گە يېقىن ئادەم يارىلاندى. تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، زۇڭتۇڭ ئولاند فىرانسىيەنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئاگاھلاندۇرۇش سەۋىيەسىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مەملىكەت بويىچە جىددىي ھالەت مەزگىلىدە، ساقچى تەرەپنىڭ «بىخەتەرلىك ۋە جامائەت تەرتىپى خەتىرىگە دۇچ كەلگەن»دە دەرھال زۆرۈر ھەرىكەت ۋە تەدبىر قوللىنىشقا رۇخسەت قىلىندى.

  2015-يىلى 13-نويابىر پارىژدا بىر قاتار تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، شۇنىڭدىن كېيىن، فىرانسىيە ئىزچىل مەملىكەت بويىچە جىددىي ھالەت ئاستىدا تۇرغان. بۇ قېتىمقى ئۇزارتىشتىن كېيىن، جىددىي ھالەت 2017-يىلى 1-ئايغىچە ئۇزىرايدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر