- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئالدىنقى بەش ئايدا شىنجاڭ شەھەر-بازارلىرىدا 250 مىڭ 700 ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى
2016.07.22 13:43 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى مۇقىم بولدى، 2016-يىلى 5-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانى 250 مىڭ 700 مىڭ ئادەم (قېتىم) غا يەتتى.
مۇخبىرنىڭ 20-ئىيۇل تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 2016-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى ۋە يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى نورمىدىن ئېشىپ، يىل بېشىدا بېكىتىلگەن نىشان ۋەزىپە ئورۇندالغان، بۇنىڭ بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر