خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-ئىيۇل، شىنجاڭ توقسۇ ناھىيەسىدىكى چالغۇ ياساش كەسپىي كەنتى بولغان جاي كەنتىدە ئاھالىلەر مىللىي چالغۇلارنى ياسىماقتا. شىنجاڭ توقسۇ ناھىيەسى شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ قولدا مىللىي چالغۇ ياساشقا ماھىر بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقىغا ئاساسەن، چالغۇ ياساش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامرات ئاھالىلەر ئۈچۈن قولدا مىللىي چالغۇ ياساپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى تۈر قىلىپ تۇرغۇزۇپ، ھەمكارلىق كوپراتىپى قۇرۇپ مەخسۇس تۈر مەبلىغى يىغىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىنى قوللىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى