باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كابۇلدا يۈز بەرگەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 80 ئادەم قازا قىلدى، 231 ئادەم يارىلاندى، «شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتى بۇ ۋەقەگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2016.07.25 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرىگە قارىغاندا، ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا 23-ئىيۇل، نامايىش قىلغان كىشىلەر توپىغا قارىتىلغان ئىككى قېتىملىق ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بەرگەن. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە ئاز دېگەندە 80 ئادەم قازا قىلىپ، 231 ئادەم يارىلانغان. «شام ئىسلام دۆلىتى» رادىكال تەشكىلاتى ئالاقىدار ۋەقەگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى، كابۇلدا نەچچە مىڭ ھازاراس مىللىتىدىن بولغان شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسىي توك يەتكۈزۈش لىنىيەسىنى ئۆزگەرتكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ھەم ھۆكۈمەتتىن دەسلەپكى قۇرۇلۇش پىلان لايىھەسىدە چىڭ تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ئىكەن. بۇ ئىككى قېتىملىق پارتلىتىش ھۇجۇمى قىلىشنىڭ مەقسىتى ئافغانىستاندا مەزھەپ توقۇنۇشى پەيدا قىلىش ئىكەن. لېكىن ئافغانىستاندا شىئە مەزھىپى بىلەن سۈننىي مەزھىپى ئەزەلدىن ئىناق ئۆتۈپ كەلگەن. بۇ يىل 4-ئايدىن بۇيان، بۇ قېتىمقى ۋەقە كابۇلدا يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر پارتلىتىش ھۇجۇمى ھېسابلىنىدۇ.

  4-ئايدا، ئافغانىستان پايتەختىدە بىخەتەرلىك تارماقلىرىغا قارىتىلغان پارتلىتىش ھۇجۇملىرى يۈز بەرگەن بولۇپ، 60 ئادەم قازا قىلغان.

  رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتى ئۇلارنىڭ ئاگېنتلىقى ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ كابۇلدا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ۋە بۇنى «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ئىككى ئەزاسى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر