باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2016-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەتىللىك پىراكتىكا پىلانى باشلاندى

2016.07.25 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، مەملىكەت بويىچە 2016-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەتىللىك پىراكتىكا پىلانى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

  مەملىكەت بويىچە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەتىللىك پىراكتىكا پىلانىنى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان، جۇڭگو ياشلار-ئۆسمۈرلەر تەرەققىيات مۇلازىمەت مەركىزى ۋە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى بېيجىڭ شەھەرلىك كومىتېتى ئۈستىگە ئالغان. بۇ پائالىيەت ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەت ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش نەتىجىلىرى ۋە تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇپ، خىزمەت تېپىشى ئۈچۈن سۇپا يارىتىپ بېرىش مەقسەت قىلىنغان. مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، ئوتتۇرا جەنۇبىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، غەربىي جەنۇبىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، شىزاڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 16 ئاز سانلىق مىللەت مەكتەپلىرىدىن تاللانغان 173ئاز سانلىق مىللەت ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى. جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى، «جۇڭگو ياشلار گېزىتخانىسى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا سارىيى، بېيجىڭ شەھىرى ئاپتوموبىل گۇرۇھى قاتارلىق مەركەزنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىغا قاراشلىق 46 كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار پىراكتىكا قىلىش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى پىراكتىكا پىلانى نەچچە يىل ئىلگىرىكى ئاساسىدا، پىراكتىكا قىلىدىغان ئىش ئورنى تەسىس قىلىش جەھەتتە ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئالدىغا تاللاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇبيېكتىپ ئېڭى، ھەرىكىتى، ئىقتىدارى تەكىتلىنىپ، پىراكتىكا قىلىدىغان ئىش ئورنى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسپى ئورگانىك بىرلەشتۇرۇلگەن؛ پىراكتىكا قىلىدىغان خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغۇزۇشتىن باشقا، يەنە ئوقۇغۇچىلار كوللېكتىپ مەشىق قىلدۇرۇلۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلۈپ تەربىيەلەش، ئېكسكۇرسىيە قىلىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش، كارخانىچىلار بىلەن مەسىلىلەرنى يۈزمۈيۈز يەكۈنلەپ چىقىشتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكىرلىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مىللىي دوستلۇق كۈچەيتىلىپ، ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن گۈزەل يازلىق تەتىللىك پىراكتىكا تۇرمۇشى يارىتىپ بېرىلىدۇ. پىراكتىكا پىلانى 23-ئاۋغۇست ئاخىرلىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر