- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭدا بەش يىل ئىچىدە 900 پۇتبول ئالاھىدە مەكتىپى قۇرۇلىدۇ
2016.07.25 15:43 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭدا پۇتبولچىلىقنىڭ ئاممىۋى ئاساسى ناھايىتى كۈچلۈك، مەكتەپ پۇتبولچىلىقى بۇ ساھەدە ئاللىقاچان مۇھىم تەرەققىيات يۆنىلىشى بولۇپ قالدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ «13 - بەش يىللىق » يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، 2020 - يىلىغا بارغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدا 900 پۇتبول ئالاھىدە مەكتىپى بەرپا قىلىنىپ، دۆلەتنىڭ مەبلىغى قولغا كەلتۈرۈلۈپ، 200 مەكتەپتە ئۆلچەملىك پۇتبول مەيدانى قۇرۇشنى نۇقتىلىق يۆلەش پىلانلانغان.
ئىگىلىنىشىچە، 2010 - يىلى ياشلار - ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبولچىلىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ پۇتبولچىلىقى پائالىيىتىگە قاتناشقان ئادەم سانى ئەسلىدىكى 10 مىڭدىن كۆپرەك ئادەمدىن ھازىرقى 300 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمگە كۆپەيگەن، ئاپتونوم رايون بويىچە ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى ئىلگىرىكى 200 دىن ھازىرقى 1000 غا كۆپىيىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ياشلار - ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبولچىلىقىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بىرلەشمە مۇسابىقە ئەندىزىسى قۇرۇلۇپ، مەكتەپ پۇتبولچىلىقىدا قېلىپلىشىش، نۆۋەتلىشىش بويىچە ئايلاندۇرۇش قاتارلىق ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر