باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر قەدىمكى ئەسەرلىرى سەييارە كۆرگەزمە پائالىيىتى 26-ئىيۇل شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

2016.07.25 15:41   مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر قەدىمكى ئەسەرلىرى سەييارە كۆرگەزمە پائالىيىتى 26-ئىيۇل شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23-ئىيۇل، مۇخبىرنىڭ جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر قەدىمكى ئەسەرلىرى سەييارە كۆرگەزمە پائالىيىتى __ شىنجاڭ پونكىتى باشلىنىش مۇراسىمىدىن ئىگىلىشىچە، « جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر قەدىمكى قىممەتلىك ئەسەرلىرى ۋە قوغداش مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرگەزمىسى»نىڭ مەملىكەتلىك سەييارە كۆرگەزمە پائالىيىتى ( شىنجاڭ بېكىتى) 7-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە ئاپتونوم رايونلۇق مۇزىيدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى سەييارە كۆرگەزمە پائالىيىتىنى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرىنى رەتلەش تەتقىقات ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى ئۈستىگە ئالغان، كۆرگەزمە قىلىنىدىغان ۋەكىللىك خاراكتېرلىك ۋە مۇھىم پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە 142 پارچە قىممەتلىك قەدىمىي ئەسەرلەرنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى، شۇنىڭدەك ھەر قايسى ئۆلكە - شەھەرلەرنىڭ 30 يىلدىن بۇيان رەتلەپ نەشىر قىلغان مۇھىم تەسىر كۈچى ۋە بەدىئىي قىممەتكە ئىگە 173 خىل 600 دىن ئارتۇق كىتاب كۆرگەزمە قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر يېزىقى، موڭغۇل يېزىقى، قازاق يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، دۇڭبا يېزىقى، چاۋشيەن يېزىقى، بۇيى يېزىقى، تاڭغۇت يېزىقى، قەدىمكى جۇاڭزۇچە خەت، زاڭزۇ يېزىقى، دەيزۇ يېزىقى قاتارلىق 25 ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەسەرلىرى بار ئىكەن، مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىدە شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك قەدىمكى 86 پارچە ئەسەر كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىدە يەنە قەدىمكى ئەسەرلەرنى تەقلىدىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە (قوليازمىنىڭ) نادىر نۇسخىلىرىنى قايتا ياساش جەريانى كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن ھەم قەدىمكى ئەسەرلەرنى ئىجادىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇتەخەسسىسى نەق مەيداندا قەدىمكى ئەسەرلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ماھارىتى كۆرسىتىش ۋە چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق، كەڭ ئاممىنى تېخىمۇ بىۋاسىتە ھالدا مىللىي قەدىمىي كىتابلارنى قوغداشنىڭ قىممىتى ۋە سىرى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ تەسىرات ۋە چۈشەنچىگە ئىگە قىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك سەييارە كۆرگەزمە پائالىيىتى ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ گۇاڭشى، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ، يۈننەن، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بۇلار ئىچىدە شىنجاڭ بۇ پائالىيەتنىڭ ئىككىنچى بېكىتى ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·تۈزۈم قەپىسىنى چىڭىتىپ، ئىلىمدىكى ناچار قىلمىشلارنى تۈزەيلى
    ·سانجى شەھىرى تەڭرىتاغ 1-نومۇرلۇق مۇزلۇقىنى قوغداش پونكىتى تەسىس قىلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: پىروفېسسور بولۇش ئۈچۈن چوقۇم تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس ئۆتۈش لازىم
    ·مەركەز تارماقلىرىغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى
    ·سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىنكى ئەنقەرە كوچىلىرى
    ·شىنجاڭ 2016-يىللىق تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش 16-ئىيۇل رەسمىي باشلاندى
    ·شىنجاڭ «ئۆرۈكزارلىق» تەجرىبە سىنىپلىرىغا تىزىملىتىش باشلاندى
    ·جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى ( بېيجىڭ ) قاراماي مەكتەپ رايونى تۇنجى قېتىم مەملىكەت بويىچە ئوقۇغۇچى قوب…
    ·ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا 19–ئىيۇلدىن باشلاپ توردا تولۇقلاپ ئارزۇ تولدۇرۇ…
    ·2020-يىلغىچە 56 كىشىدىن ئارتۇق چوڭ سىنىپلار ئاساسەن تۈگىتىلىدۇ