باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: ياپونىيە نەنخەي دېڭىزى مەسىلىدىكى ئالاقىدار دۆلەت ئەمەس، جۇڭگونى ئۇنداق-مۇنداق دېيىش سالاھىيىتى يوق

2016.07.25 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 24-ئىيۇل مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: ياپونىيە نەنخەي دېڭىزى مەسىلىسىدىكى ئالاقىدار دۆلەت ئەمەس، جۇڭگونى ئۇنداق-مۇنداق دېيىش سالاھىيىتى يوق.

  مۇخبىر مۇنداق سوئال سورىدى: ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فۇمىئو ئۆزىنىڭ شەرقىي ئاسىيا يۈرۈشلۈك دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى مەزگىلىدە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن ئۇچراشسا، نەنخەي دېڭىزى مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى، جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟

  لۇ كاڭ مۇنداق دېدى: فىلىپپىن نەنخەي دېڭىزى كېسىم دېلوسى ئەزەلدىن قانۇنسىز، ئىناۋەتسىز بولۇپ، جۇڭگو كېسىمنى قوبۇل قىلمايدۇ، خەلقئارا قانۇن ۋە «ب د ت دېڭىز - ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسى» بويىچە ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ. جۇڭگو ياپونىيەنى مەسىلىنى كۆپتۈرۈش ئارقىلىق نەنخەي دېڭىزى مەسىلىسىگە ئارىلاشماسلىققا دەۋەت قىلىدۇ، ياپونىيە نەنخەي دېڭىزى مەسىلىسىدىكى ئالاقىدار دۆلەت ئەمەس، شۇنداقلا يەنە بىر مەزگىللىك نومۇسلۇق تارىخى بار، شۇڭا جۇڭگونى ئۇنداق-مۇنداق دېيىشكە تېخىمۇ سالاھىيىتى توشمايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر