باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۈچ چوڭ نۇقتىلىق جامائەت توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى مۇقىملىق ئىچىدە ئاشتى

2016.07.25 15:31         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لى چۈنشيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە نامراتلارنى يۆلەش پىلانىنى يولغا قويۇش، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق نۇقتىلىق تەدبىرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن سىلىق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان. بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەر، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بار قاتارلىق ئۈچ چوڭ نۇقتىلىق جامائەت توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى سىجىل ۋە ئومۇميۈزلۈك ئاشقان.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 6 – ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىل ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %56.9 كە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %1.2 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %1.9 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان؛ يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەردىن 1 مىليون 504 مىڭ 900 ئادەم (قېتىم) يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 303 مىڭ 300 ئادەم (قېتىم) ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى %25.2كە يەتكەن. يىللىق نىشان – ۋەزىپە %68.4 تاماملانغان؛ ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بارلاردىن 26 مىڭ 400 كىشى ئىشقا ئورۇنلىشىپ، يىللىق نىشان – ۋەزىپە %52.8 تاماملانغان. ئائىلىسىدە بىرەرمۇ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەرنى داۋاملىق ھەرىكەت ھالىتىدە تۈگىتىش يولغا قويۇلغان.

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەسپىي تېخنىكا – ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، 505 مىڭ كىشى ھەر خىل تۈر بويىچە تەربىيەلەنگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە 273 مىڭ 400 كىشى تەربىيەلىنىپ، تەربىيەلەنگەندىن كېيىن 189 مىڭ 100 كىشى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %69.2 كە يەتكەن. ئىگىلىك تىكلەش بويىچە 32 مىڭ ئادەم (قېتىم) تەربىيەلىنىپ، تەربىيەلەنگەندىن كېيىن ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتى %29.4 كە يەتكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما شاۋفېڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىدا ئۈچ جەھەتتە ئالاھىدىلىك نامايان قىلىندى: بىرىنچى، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئاساسىي ۋاسىتىلىك رولى كۆرۈنەرلىك بولدى. ئىككىنچى، توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپى ۋە ‹‹چاققان، قولاي، تېز›› تۈرلەر بويىچە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلىش سىجىل ئاشتى. ئۈچىنچى، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش رولى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر