باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

تۈزۈم قەپىسىنى چىڭىتىپ، ئىلىمدىكى ناچار قىلمىشلارنى تۈزەيلى

2016.07.22 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆگىنىپ كامالەتكە يەتكەنلەر ئۇستاز بولىدۇ، ئىش-ھەرىكىتى جايىدا بولغانلار ئۈلگە بولىدۇ. بۇ، ئوقۇتۇش، ئادەم تەربىيەلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا بولغان ئاساسىي كەسپىي تەلەپ. ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىلمىي سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنى باھالاشتا، ئاساسلىقى ئۇنىڭ ئىلمىي نەتىجىلىرىنىڭ سۈپىتىگە قارىلىدۇ، ئاخىرقى نەتىجە ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم، بىراق نەتىجىنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقىمۇ بولمايدۇ، يەنى ئۇنىڭ ئىلمىي قائىدىگە ماس كېلىش-كەلمەسلىكىگىمۇ قاراش لازىم. نۆۋەتتە، ئىلىمدىكى ناتوغرا قىلمىشلارغا قارىتا ئەيىبلەشلەر كۆپ بولۇپ، مائارىپ تارماقلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ قېلىپلاشتۇرۇش ۋە تۈزەشنى كۈچەيتىشى ناھايىتى زۆرۈر بولماقتا.

  19-ئىيۇل، مائارىپ مىنىستىرلىقى «ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىلىمدىكى ناتوغرا قىلمىشلاردىن ساقلىنىش ۋە ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى»نى ئېلان قىلىپ، ئىلىمدىكى ناتوغرا قىلمىشلاردىن ساقلىنىش ۋە ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى خىزمەت مېخانىزمى، خىزمەت پىرىنسىپى، ئالدىنى ئېلىش چارىلىرى، ئىلىمدىكى ناتوغرا قىلمىشلارنىڭ تۈرلىرى قاتارلىقلارغا قارىتا تەپسىلىي بەلگىلىمە چىقاردى. مائارىپ مىنىستىرلىقى تۇنجى قېتىم قائىدە-تۈزۈم ئارقىلىق ئىلىمدىكى ناتوغرا قىلمىشلارغا قارىتا ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ، باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئىلىمدىكى ناتوغرا قىلمىشلارغا بولغان قەتئىي رەھىم قىلماسلىق ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى. توردىكى جامائەت پىكرىمۇ بۇ تۈرلۈك بەگىلىمىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە قارشى ئالدى. نۇرغۇن تورداشلار «ئىلىمدىكى ناتوغرا قىلمىشلار ۋە چىرىكلىشىشنى تازىلاشتا ئەمدى ساقلاشقا بولمايدۇ»، دەپ بىلدۈردى. تۈزۈم-بەلگىلىمە بار بولدى، ئەمدى قىلىشقا تىگىشلىك ئىش دەل قاتتىق ئىجرا قىلىش، قەپەسنى چىڭىتىش بولۇپ قالدى.

  ئالدى بىلەن، ئىلىمدىكى ناتوغرا قىلمىشلارنى تۈزەشتە، ئالىي مەكتەپلەر ئالدىنى ئېلىشتىكى ئاساسىي گەۋدە بولسا بولىدۇ، بىراق بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدە بولسا بولمايدۇ. تەنھەرىكەتچى ۋە رېپىر ئوخشاش بىر كىشى بولسا بولمايدۇ، «يېقىن تۇغقانلار» بولسىمۇ بولمايدۇ. ئىلىمدىكى ناتوغرا قىلمىشلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ياكى مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار بولىدۇ. ئالىي مەكتەپ «ئۆز ئادەم»لىرىنى تەكشۈرگەندە، ئۈنۈمنىڭ تۆۋەنلەپ كەتمەسلىكىگە قانداق كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەر تاراتقۇلار ئاشكارىلىغان ئىلىمدىكى ناتوغرا ئىستىللارغا قارىتا دائىم ئەھۋالنى بىلمەسلىك، تەكشۈرمەسلىك، بىر تەرەپ قىلماسلىقتەك «ئۈچ قىلماسلىق» پىرىنسىپىنى قوللىنىپ كەلدى، ھەتتا بەزى ئالىي مەكتەپلەر بار چارە -ئامالنى قوللىنىپ، ئاشكارىلاشنى توسماقچى بولدى. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئەگەر مائارىپ تارماقلىرى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ نازارىتى مەخسۇس ئىلىم ئەخلاقى ئورگىنى قۇرۇپ بىر تەرەپ قىلسا، تېخىمۇ ئادىل، ئىشەنچىلىك بولىدۇ.

  ئىككىنچىسى، نازارەت ئېكولوگىيەسى تېخى مۇكەممەللەشمىگەن ئەھۋالدا، پاش قىلىش ھېلىھەم بىر تۈرلۈك «تەۋەككۈلچىلىك ئىش» بولۇپ تۇرماقتا، بۇ ھەم نامسىز پاش قىلىشنىڭ زور تۈركۈمدە ساقلىنىشىنىڭ سەۋەبى. يۇقارقى «چارە»دە «ھەقىقىي نام بىلەن پاش قىلىش تۈزۈمى» تەلەپ قىلىندى ھەمدە نامسىز پاش قىلغۇچىلارغا نۇرغۇن رامكىلار بېكىتىلدى، بۇ بەلگىلىمە بەلكىم ئىلىمدىكى ناتوغرا قىلمىشلارنى تەكشۈرىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىشى مۇمكىن، بىراق بۇ ھەم بىر تۈركۈم ئىلىمدىكى ناتوغرا قىلمىشلارنىمۇ قوغداپ قېلىشى مۇمكىن. قانداق قىلىپ پاش قىلىش ئۇچۇرلىرىنىڭ ھەقىقىيلىقى، ئىشەنچىلىكلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن پاش قىلغۇچىنى قوغداش ئارىسىدا ئەڭ ياخشى تەڭپۇڭلۇقنى تېپىپ چىقىش بىر ئۇزۇن مەزگىللىك تېما.

  «چارە» بويىچە، ئىلىمدىكى ناتوغرا قىلمىشلارغا مەسئۇل بولغۇچىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پەن تەتقىقات تۈرىنى توختىتىش ياكى بىكار قىلىش، ئىشتىن بوشىتىش ياكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، مېنىڭچە جازالاش سالمىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە بولىدۇ. بىر قەدەر تۆۋەن بولغان قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش تەننەرخى قانۇننىڭ چۆچۈتۈش رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ، ئىلىمدىكى ناتوغرا قىلمىشلارنىمۇ قەپەس ئىچىگە سولاپ قويالمايدۇ.

  ئىلىمدىكى ناتوغرا قىلمىشلارنى تۈزەشنىڭ ئەھمىيىتى تۈزەشنىڭ ئۆزىدىن ھالقىپ كېتىدۇ. بۇ بىر تۈركۈم ئەخلاق ۋە قابىلىيەتتە تەڭ يېتىشكەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى بەرپا قىلىش بولۇپلا قالماستىن، يەنە بىر يۈرۈش پەزىلەت مائارىپىنىڭ «تىرىك ماتېرىياللىرى»نى تۈزۈپ چىقىدۇ. بۇنداق بولغان ئىكەن، خۇا تونىڭ «سۆڭەكنى قىرىپ داۋالاش ئۇسۇلى»نى تەقلىد قىلىپ، ئىلىمدە ناتوغرا قىلمىشلارنىڭ زەھەرلىك ئۆسمىسىنى ئالىي مەكتەپلىرىمىزنىڭ مۇسكۇللىرىدىن پاكىز كېسىۋېتىشىمىز لازىم. تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مېخانىزمنى ئىسلاھ قىلىش، ئىلىمدىكى ناتوغرا قىلمىشلارنى تۈزەشتە ۋەزىپە ئېغىر، يوللار يىراق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر