باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆسمۈرلەر ئاخبارات تارقىتىش ئىنستىتۇتى قۇرۇلدى

2016.07.25 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆسمۈرلەر ئاخبارات تارقىتىش ئىنستىتۇتى يېقىندا قۇرۇلدى. بۇ مەكتەپ مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپلەر ئىچىدە تۇنجى بولۇپ قۇرۇلغان ياش، ئۆسمۈر مۇخبىرلارنى تەتقىق قىلىدىغان كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتى ھېسابلىنىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئۆسمۈرلەر ئاخبارات تارقىتىش ئىنستىتۇتى ئىلمىي تەتقىقات، دەرس بايلىقىنى ئېچىش، ئىختىساسلىقلارنى ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜرۈپ يېڭىلىق يارىتىش، ئۆسمۈرلەر ئاخبارات تارقىتىش مەشىق لاگېرى، خىزمەت ئۆيى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، مەركەزدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، جايلاردىكى مائارىپ مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر بىلەن بولغان چوڭقۇر ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىكەن

  بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات-تاراتقۇ ئىنستىتۇتىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى يۈ گومىڭ، ئاخبارات تارقىتىش ئىنستىتۇتى ياشلار-ئۆسمۈرلەرگە قارىتا ساپا تەتقىقات سالمىقىنى ۋاسىتىلىق ئاشۇرۇپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالى، تەرەققىياتى ۋە ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ۋاسىتىلىق ساپا نەزەرىيە سىستېمىسى، دەرس سىستېمىسى، دەرسلىك سىستېمىسىنى ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر