- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەركىن تۇنىياز 2016–يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈردى
2016.08.01 15:22 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 29 – ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2016 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈردى.
ئەركىن تۇنىياز ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى مىللىي تىل سىستېمىسى ۋە خەنزۇ تىلى سىستېمىسى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەق مەيدانى، تېلېفوندا ئوقۇغۇچىلارغا مەسلىھەت بېرىش خىزمەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىۋاتقان خادىملاردىن ھال سورىدى.
ئەركىن تۇنىياز ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا قاتنىشىۋاتقان خادىملاردىن مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق بويسۇنۇپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەرتىپىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى، دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۆلچەمدە تاماملاپ، ئادىل، باراۋەر بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار، ئاتا – ئانىلار ۋە جەمئىيەتنى رازى قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر