باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئىجتىمائي خەۋەرلەر

يۇقىرى نومۇر ئەقىللىقلىقنىڭ ئىپادىسىمۇ؟

2016.07.28 14:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى تېلېۋىزوردىن ئىچكىرىدىكى مەلۇم بىر شەھەردىكى مائارىپ ئىدارىسى تەۋەلىكىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ۋە ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىشىغا ئاساسەن دەرىجىگە ئايرىغانلىقى، مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىغا ‹‹xx شەھەرلىك ئالاھىدە نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ››، ‹‹xx شەھەرلىك نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ››، ‹‹xx شەھەرلىك ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ›› دەپ يېزىلغانلىقى، ئاتا – ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى نۇقتىلىق ۋە ئالاھىدە نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن، ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىدىغانلىقى ھەم پەرزەنتلىرىگە نۇقتىلىق ۋە ئالاھىدە نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن، زىيادە ئۆگىنىش تەلىپىنى قويىدىغانلىقى، ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشىلارمۇ ئاتا – ئانىلىرىنىڭ بېسىمى تۈپەيلىدىن ئوقۇشتىن بىزار بولۇپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى كۆڭۈلدىكىدەك بېرەلمىگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. مۇخبىر بۇ ھەقتە مەخسۇس زىيارەت قىلغاندا، نۇرغۇن ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆگىنىش بېسىمىنىڭ زىيادە يۇقىرى بولغانلىقى، ئىمتىھان مەزگىلىدە پەرزەنتلىرىگە روھىي جەھەتتە مەدەت بېرىشنىڭ ئورنىغا، بېسىم قىلغانلىقىغا پۇشايمان قىلغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.

  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھاندىن يۇقىرى نومۇر ئېلىپ، ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان مەكتەپ ۋە كەسىپلەردە ئوقۇپ، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاپ، يۈزىنى يورۇق قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئەلۋەتتە. دەرستە ئىزچىل ياخشى، تىرىشچان ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان مەزگىلىدە تەمتىرەپ، نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدىغان ئەھۋاللارمۇ، ئۆگىنىش نەتىجىسى ئادەتتىكىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇنىڭلىق بىلەن بالىلارنى ياخشى ياكى ‹‹دۆت›› دەپ ئايرىشقا، مەكتەپلەرنى دەرىجىگە ئايرىشقا بولمايدۇ.

  ئۆگىنىش نەتىجىسى ئىزچىل يۇقىرى بولۇپ كېلىۋاتقان، ئۆگىنىش نەتىجىسى ئادەتتىكىچە ۋە ئوتتۇراھال ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھاندا ئويلىمىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋالدا ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، رېئاللىققا يۈزلىنىپ، يۇقىرى نەتىجىدىن مەغرۇرلانماي، تۆۋەن نەتىجىدىن مەيۈسلەنمەي ئالغا قاراپ مېڭىشى كېرەك. ئاتا-ئانا، ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىگە توغرا قارىشى، نەتىجىسى تۆۋەن بولۇپ قالغانلارغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىشى كېرەكلىكى، قايتا ئوقۇپ، قايتا ئىمتىھان بېرىش ئارقىلىق ئۆزىنى يەنە بىر قېتىم سىناپ بېقىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى، ئوقۇماسلىق يولىنى تاللىغان ئوقۇغۇچىلارغا جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن، قانداق يولدا مېڭىش، نېمە قىلىش جەھەتلەردە ياخشى پىكىر، تەكلىپ، مەسلىھەت بېرىشى، ئارتۇقچىلىقىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىگە ئىشەنسە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىستىقبالىدا غەلىبە، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئۆزىگە ھەمراھ بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر