سۈرەتتە: 26-ئىيۇل كېچىدە، فىرانسىيەنىڭ كوئاس سېنا ئۆلكىسى رۇئېن ئەتراپىدا، ساقچىلار تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن چېركاۋنىڭ ئەتراپىنى قوغدىماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فىرانسىيە پارىژ شەھىرىنىڭ تەپتىش ئەمەلدارى مو لىن شۇ كۈنى ئاخشىمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 26-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن فىرانسىيەنىڭ شىمالى قىسمىدىكى بىر چېركاۋدا يۈز بەرگەن تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىدىكى ئىككى قاتىلنىڭ بىرىنىڭ سالاھىيىتى بېكىتىلگەنلىكىنى، بۇ جىنايەت گۇماندارى ئىلگىرى ئىككى قېتىم سۇرىيەگە بېرىپ غازاتقا قاتناشماقچى بولۇش سەۋەبىدىن ئەيىبلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى