باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوبامانىڭ ئاكىسى ترۇمپنى قوللىدى، ئۇ ئىنىسىنى ساختا، چىرىك، ۋاپاسىز، دېدى

2016.07.28 13:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيەسى مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ھىلارى كلىنتوننى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى قىلىشنى رەسمىي كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ ئاتا بىر، باشقا ئانىدىن بولغان ئاكىسى ئامېرىكا تاراتقۇلىرىغا ئۆزىنىڭ ترۇمپنى قوللاپ بېلەت تاشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ ئاتا بىر، باشقا ئانىدىن بولغان ئاكىسى مالىك ئوباما يېقىندا ئامېرىكا «نىيۇيورك پوچتا گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ترۇمپنى قوللاپ بېلەت تاشلايدىغانلىقىنى، ئوبامانىڭ ساختا، چىرىكلىكىنى تەنقىدلەيدىغانلىقىنى، ئوباما كېنىيەگە زىيارەتكە بارغاندا، ئۆيى ئالدىدىن ئۆتكەن بولسىمۇ كىرمىگەنلىكىنى، ۋەزىپە ئۆتەشنى باھانە قىلىپ ھەتتا دادىسىنىڭ تۇپراق بېشىغىمۇ بارمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مالىك ئوباما ئىلگىرى كېنىيە زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشقان بولۇپ، ئامېرىكا ۋە كېنىيە قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە، ئۇ ئۆزىنىڭ 11-ئاينىڭ 8-كۈنى بېلەت تاشلاپ ترۇمپنى قوللىماقچى بولغانلىقىنى ھەم ترۇمپ بىلەن كۆرۈشۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى. بۇنىڭغا قارىتا ترۇمپ Twitter ئىجتىمائىي تورىدا، قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر