باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «دۆلەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى پىروگراممىسى»نى تارقاتتى

2016.07.28 14:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «دۆلەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى پىروگراممىسى»نى تارقاتتى ۋە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  «دۆلەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى پىروگراممىسى»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:بۈگۈنكى دۇنيادا، ئۇچۇر تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈنسايىن يېڭىلىنىپ، رەقەملىشىش، تورلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئۇچۇرلاشتۇرۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. ئۇچۇرلىشىش بولمىسا، زامانىۋىلىشىش بولمايدۇ. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىپ ۋە ئۇنى يېتەكچى قىلىپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىشتە، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى ئېلىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنىڭ باشتىن-ئاخىرىغىچە سىڭدۈرۈپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشنى تىزلىتىش كېرەك. ئۇچۇرلاشتۇرۇش بىلەن زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تور قۇدرەتلىك دۆلىتى قۇرۇش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنىڭ مۇقەررەر تاللىشى.

  مەزكۇر ئىستراتېگىيە پىروگراممىسى يېڭى ۋەزىيەتكە ئاساسەن «دۆلەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى (2006-يىلدىن 2020-يىلغىچە)»گە بولغان تەڭشەش بولۇپ، كەلگۈسى 10 يىللىق دۆلەتنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ يېتەكلەيدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ساھەسىنى پىلانلاش، سىياسەت تۈزۈشنىڭ مۇھىم ئاساسى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر