خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكوم «ئۈچ ئەل» ئىشخانسىدىن گۈلبوستان مەمەت، جاڭ ياڭ خەۋىرى) «1-ئاۋغۇست» جوڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقى خاتىرە كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىن ئاقسۇ شەھىرى ئىگەرچى يېزىسىنىڭ ئۇرۇقچىلىق مەيدانى يۇقارقى كۆكباش كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار بۇ يىل 84 ياشقا كىرگەن پېشقەدەم ھەربى سىدىق چاۋاردىن بايراملىق ھال سورىدى ۋە ئېھتىرام بىلدۈردى.
سىدىق چاۋار خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە كەنت كادىرلىرىغا 1951-يىلى ئازادلىق ئارمىيە قىسىمىغا كىرگەن ۋاقتىدىكى قاينام-تاشقىنلىق يىللار ۋە 1964-يىلى يوقارقى كۆكباش كەنتىگە قايتقان چاغدىكى بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلار، ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر ۋە تەسىراتىنى سۆزلەپ بەردى.
سىدىق چاۋار ئەينى يىللاردا ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، چاشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان بۇلۇپ، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ئۇ خىزمەت گۇرۇپپىسىغا ئاكتىپ ماسلىشىپ، ئىلگىرى ئازادلىق ئارمىيەنىڭ خەلق ئازادلىقى ئۈچۈن قىلغان كۈرەشلىرىنى، شۇنچە يىللاردىن بۇيانقى يۇرتتىكى كاتتا ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ، ئاممىنى ھازىرقى گۈزەل تۇرمۇشىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەشكە، ھالال ئەمگىكى ئارقىلىق گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇپ چىقىشقا ئۈندىدى.
سۈرەتتە: پېشقەدەم ئەسكەر سىدىق چاۋار.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى