خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23-ئىيۇل، دۆلىتىمىزنىڭ «ئۈچ چوڭ ئايروپىلانى»نىڭ بىرى، شۇنداقلا ھازىر دۇنيادا تەتقىق قىلىنىۋاتقان ئەڭ چوڭ سۇ ۋە قۇرۇقلۇقتا ئىشلىتىشكە بولىدىغان AG600 تىپلىق ئايروپىلان جۇخەيدە قۇراشتۇرۇلدى. ھەربىي مۇتەخەسسىسلەر مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، AG600 تىپلىق ئايروپىلان ئادەتتىكى ئايروپىلان قونالمايدىغان جايغا قونالايدۇ. بۇ خىل ئايروپىلان نەنخەي دېڭىزنىڭ ھەر قانداق بىر يېرىگە ۋاقتىدا بارالايدۇ، نەنخەي دېڭىزىنى چارلاش ۋە قۇتقۇزۇشنىڭ ياخشى قورالى، رازۋېدكا چۆكمە كېمىلىرىگە قارشى ئىشلىتىشكە ماس كېلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى