باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت تور-ئۇچۇر ئىشخانىسى: تور بېكەتلەرنى ئاساسەن قېلىپلاشتۇرۇپ نېگىزلىك باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ

2016.07.26 14:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، دۆلەت تور-ئۇچۇر ئىشخانىسى بېيجىڭ شەھەرلىك تور-ئۇچۇر ئىشخانىسى ۋە گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك تور-ئۇچۇر ئىشخانىسى بىلەن بىرلىكتە سىنا، سوخۇ، ۋاڭيى، بەيدۇ، تېڭشۈن، سۇمۇرۇغ، بۈگۈنكى باشماقالە ۋە بىرلىك ئۇچۇر قاتارلىق سەككىز سودا تور بېكەتلىرى ۋە ئابونتلار تېرمىناللىرىغا قارىتا مەزمۇن جەھەتتىن باشقۇرۇش تۈزۈمى بويىچە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. تەكشۈرۈشتە بايقىلىشىچە، بۇ تور بېكەتلەرنىڭ باشقۇرۇش ئۆلچىمى، باش مۇھەررىر مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى، نۆۋەتچىلىك تۈزۈمى ۋە خادىملارنى تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردە يەنە بىر قىسىم ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلىلەر ساقلانغان.

  تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىم تەكشۈرۈلگەن تور بېكەتلەردە بۇ مەسىلىلەرنىڭ بايقىلىشىدا ئىدىيەۋىي تونۇشنىڭ يۇقىرى بولماسلىقى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى قارىغۇلارچە قوغلىشىشتەك سۇبيېكتىپ ئامىل ۋە نازارەت قىلىپ چەكلەش سالمىقى كۈچلۈك بولماسلىق، ئاساسىي ئۆلچەمنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقىدەك ئوبيېكتىپ ئامىللار ساقلانغان؛ يېڭى تېخنىكا، يېڭى قوللانمىلارنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ئېلىپ كەلگەن يېڭى مەسىلىلەر ھەم قانۇن-بەلگىلىمىدە يېتىشەلمەسلىك، قوشۇن قۇرۇلۇشى كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان.

  دۆلەت تور-ئۇچۇر ئىشخانىسى يەرلىك تور- ئۇچۇر ئىشخانىلىرى بىلەن بىرلىكتە مۇناسىۋەتلىك تور بېكەتلەرگە قارىتا تۈزەش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم باشقۇرۇش جەھەتتە گەۋدىلىك مەسىلە بار تور بېكەتلەردىن تېڭشۈن تورى، سۇمۇرۇغ تورى بىلەن ئايرىم سۆزلەشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر