باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپىدە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش ۋەزىيىتى ياخشى بولدى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ %126 ئاشتى

2016.07.25 17:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپىدە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش ۋەزىيىتى ئىزچىل تېز راۋاجلاندى. نۆۋەتتە، مەبلەغ كىرگۈزۈپ قۇرۇلۇۋاتقان تۈر 225كە، ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ 154 مىليارد يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %126 ئاشتى.مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودىگەر چاقىرىش-تەرەققىيات ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 10 ۋىلايەت، ئوبلاست توقۇمىچىلىق، كىيىم -كېچەك كەسپى بويىچە ئىچكى ئۆلكىلەردىن 98 مەبلەغ سېلىش يېڭى تۈرىنى كىرگۈزگەن بولۇپ، پىلان بويىچە 388 مىليارد 380 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن.

  گۇاڭدۇڭ، شەندۇڭ، جېجياڭ ۋە جياڭسۇ قاتارلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، قەشقەر رايونى 29 توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك تۈرىنى كىرگۈزگەن بولۇپ، شىنجاڭ بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدىكەن؛ ئاقسۇ، ئىلى رايونى ئايرىم-ئايرىم 18 ۋە 14 تۈر كىرگۈزگەن بولۇپ، 2-، 3- ئورۇندا تۇرغان. 1-ئايدىن 6-ئايغىچە، شىنجاڭ بويىچە يېڭىدىن 259 توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كارخانىلىرى قوشۇلغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەنگە ئېلىنغان توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 1719غا يەتكەن.

  شىنجاڭ مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان رايون بولۇپ، توقۇمىچىلىق كۆلىمى 10 مىليون ئورچۇقتىن ئاشىدۇ. نۆۋەتتە ئۈرۈمچى- سانجى، شىخەنزە- كۇيتۇڭ، كورلا-لوپنۇر، ئاقسۇ-ئارال ۋە قەشقەردىن ئىبارەت بەش چوڭ توقۇمىچىلىق كەسپى توپلاشقان رايونغا ئايلاندى.

  2015-يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز تۆۋەن باھالىق توك، توشۇش خىراجىتىگە ياردەم پۇلى بېرىش، شىنجاڭنىڭ پاختىسىنى ئىشلىتىشكە ياردەم پۇلى بېرىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتە تەربىيەلەش، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلى ۋە قەرز پۇل ئۆسۈمىگە ياردەم بېرىش قاتارلىق كۆپ خىل ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپىنىڭ رىقابەت كۈچى ۋە مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇردى. بۇ يىل يەنە سەككىز تۈرلۈك يېڭى سىياسەت، تەدبىرلەرنى چىقارغان بولۇپ، بۇ ياردەم مەبلىغىنى ئۆستۈرۈش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، مەخسۇس تۈر مەبلىغى تەسىس قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر