باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«يىپەك يولى ساغلاملىق مۇنبىرى» ۋە 4 - قېتىملىق جۇڭگو غەربىي يۇرت ئەرلىكشۇناسلىق مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى

2016.07.25 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى) جۇڭخۇا تېببىي ئىلىم جەمئىيىتى ئەرلىكشۇناسلىق شۆبە جەمئىيىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق تېببىي ئىلىم جەمئىيىتى ئەرلىكشۇناسلىق شۆبىسى تەشكىللىگەن، شىنجاڭ «بوغدا» دوختۇرخانىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، دۆلەت دەرىجىلىك داۋاملىق تەربىيەلەش تۈرى بولغان «يىپەك يولى ساغلاملىق مۇنبىرى» ۋە 4 - قېتىملىق جۇڭگو غەربىي يۇرت ئەرلىكشۇناسلىق مۇنبىرى 23 - ئىيۇل ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  مۇنبەرگە جۇڭخۇا تېببىي ئىلىم جەمئىيىتى ئەرلىكشۇناسلىق شۆبە جەمئىيىتىنىڭ مۇدىر ھەيئىتى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 3 - دوختۇرخانىسى ئەرلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور جياڭ خۇي، «جۇڭگو جىنسىيەت ئىلمىي ژورنىلى»نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى، جۇڭخۇا تېببىي ئىلىم جەمئىيىتى ئەرلىكشۇناسلىق شۆبە جەمئىيىتىنىڭ مۇدىر ھەيئىتى، جۇڭشەن ئۇنىۋېرسىتېتى 1 - تارماق دوختۇرخانىسى ئەرلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى دېڭ چۈنخۇا، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىسخولوگىيە پەنلىرى پىروفېسسورى خۇ پېيچىڭ قاتارلىق دۆلەت ئىچى -سىرتىدىكى داڭلىق ئەرلىكشۇناسلىق ئىلمىنىڭ سەركىلىرى ۋە شىنجاڭ تېببىي ئىلىم جەمئىيىتى ئەرلىكشۇناسلىق شۆبە جەمئىيىتىنىڭ مۇدىر ھەيئەتلىرى، شىنجاڭدىكى ئەرلىكشۇناسلىق ئىلمى ساھەسىدىكى دوختۇرلاردىن بولۇپ 150 كىشى قاتناشتى. مۇنبەردە جۇڭخۇا تېببىي ئىلىم جەمئىيىتى ئەرلىكشۇناسلىق شۆبە جەمئىيىتىنىڭ مۇدىر ھەيئىتى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 3 - دوختۇرخانىسى ئەرلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور جياڭ خۇي، شىنجاڭ «بوغدا» دوختۇرخانىسى ئەرلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئادىلجان ئەلى قاتارلىقلار مەخسۇس ئىلمىي دوكلات بەردى.

  ئىگىلىشىمچە، يىلدا بىر ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ مۇنبەر جەمئىيىتىمىزدىكى ئەرلەرنى ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئەرلەر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارغا ياردەم قىلىپ داۋالاش جەھەتلەردىن دوختۇرلارنىڭ بىلىم ئېلىشىغا يۇقىرى قاتلاملىق ئۆگىنىش شارائىتى ھازىرلاپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئەرلىكشۇناسلىق كەسىپىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھاكىمە مۇنبىرى بولۇپ قالغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر