باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ بوكس ئەزىمەتلىرى شەرەپ قۇچتى

2016.07.25 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى) مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى بوكس تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، 22 - ئىيۇل ئاياغلاشقان مەملىكەتلىك 23U ياشلىقلار (19 ياشتىن 23 ياشقىچە بولغان) بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ماھىرلىرىدىن مۇھەممەتتۇرسۇن چوڭ، زىبىبۇللا قاتارلىق ماھىرلار تۆت ئالتۇن مېدال، ئىككى كۈمۈش مېدال، ئۈچ مىس مېدالغا ئېرىشىشتەك ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن.

  بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇلانچابۇر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەملىكتىمىزنىڭ ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلىرىدىكى كەسپىي تەنتەربىيە جەمىيىتىدىن بولۇپ 400 ئارتۇق ماھىر مۇسابىقىگە قاتناشقان. 16 - ئىيۇلدىن 22 - ئىيۇلغىچە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇسابىقىگە شىنجاڭ ماھىرلىرىدىن توققۇزى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار بەش گۇرۇپپا بويىچە مۇسابىقىگە چۈشۈپ، ئالتىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىپ، غەيرەت-جاسارىتى، تېخنىكىدىكى يېڭىلىقى بىلەن ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر