باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ليۇ يۈنشەن قىسمەن ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش-تەربىيە خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

ئىدىيە ئاساسىنى مستەھكەملەپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مۇجەسسەملەش، ئۆگىنىش-تەبىيە خىزمىتى ئەمەلىي ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2016.07.25 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:قىسمەن ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش-تەربىيە خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى 24-ئىيۇل لەنجۇدا ئېچىدىلدى، ج ك پ مەرىكىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مۇجەسسەملەپ، ئۆگىنىش-تەربىيە خىزمىتى ئەمەلىي ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  سۆھبەت يىغىنىدا گەنسۇ، شەندۇڭ، خېنەن، شەنشى، چىڭخەي، نىڭشيا، شىنجاڭ قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوملارنىڭ مەسئۇللىرى خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى، كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: ئالدىنقى بىر مەزگىللىك ئۆگىنىش-تەربىيە خىزمىتىدە ئۆگىنىش بىلەن ئىشلەشنى بىرلەشتۈرۈش، نورمال تەربىيەگە ئەھمىيەت بېرىش، قاتلام ۋە تۈرلەرگە ئايرىپ ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كېلىش بىلەن بىللە، ساقلانغان مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت برىلىپ، مەئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش ئېڭى كۈچەيتىلىپ، چارە-تەدبىرلەر چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، خىزمەتلەردىكى يېتەكچىلىك كۈچەيتىلىپ، ئۆگىنىش-تەربىيە خىزمىتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى.

  ليۇ يۈنشەن سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1-ئىيۇل» دا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزى پارتىيە ۋە دۆلەت تەرەققىياتىغا ئالاقىدار بىر قاتار تۈپ مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىلگەن، نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەردىكى پروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، ئۆگىنىش-تەربىيە خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىدىيە يېتەكچىلىكى ۋە ھەرىكەت قوللانمىسى بىلەن تەمىنلىدى. سۆزنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىپ، دەسلىپكى نىشاننى ئۇنۇتماسلىق ۋە داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەش يېڭى ئاساسىي تېمىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئاساسىي قوللانمىسىنى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئۇنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر