باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە زوڭتوڭ مۇھاپىزەت ئەترىتىنى تارقىتىۋەتمەكچى

ئارمىيەگە «يېڭى ھاياتىي كۈچ» بېرىلىدۇ

2016.07.25 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە زوڭلىسى يىلدىرىم 23-ئىيۇل، زوڭتوڭ مەھكىمىسى مۇھاپىزەت قىسمىنى تارقىتىۋېتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇ شۇ كۈنى بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا: بۇ قىسىمنىڭ «ئەمدى مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇش ئەھمىيىتى يوق ھەم زۆرۈرىيىتىمۇ يوق»، دېدى.

  فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زوڭتوڭ مۇھاپىزەت ئەترىتى 2500 كىشىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز دېگەندە 283 كىشى ئىشقا ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن قاماققا ئېلىنغان. تۈركىيە زوڭتوڭى رەجەپ تايىر ئەردوغان 21-ئىيۇل، ئىشقا ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، زوڭلى رىياسەتچىلىكىدىكى ئەڭ ئالىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى دېڭىز، قۇرۇقلۇق، ھاۋا ئۈچ خىل ئارمىيەنى قايتىدىن تەشكىللەش ۋە تەرتىپكە سېلىشقا مەسئۇل بولۇپ، ئارمىيەگە «يېڭى ھاياتىي كۈچ» بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر