باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2016 -يىللىق يېپەك يولى ئىقتىسادىي يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى مەملىكەتلىك دوكتۇر ئاشتىلار يۇقىرى قاتلام مۇنبىرى شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلدى

مەملىكەت بويىچە دوكتۇر ئاشتىلار شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا تەكلىپ بەردى

2016.07.26 08:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23-ئىيۇل، 2016-يىللىق يېپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادروولۇق رايون قۇرۇلۇش مەملىكەتلىك دوكتۇر ئاشتىلار يۇقىرى قاتلام مۇنبىرى شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى پولات ئابدۇقادىر زىيارەتنى قۇبۇل قىلىپ، «بۇ قېتىملىق مۇنبەر ئارقىلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ <بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش ئەھۋالىنى بىلگىلى، پۈتۈن يېپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى نۇقتىسىدىن شىنجاڭنىڭ يادرولۇق رايون رولىنى تونۇغىلى، مەكتىپىمىز ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىساد-سودا تەتقىقات ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى تەتقىقاتىغا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرگىلى بولىدۇ»، دېدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق مۇنبەر 2016-يىلىدىكى 37 مەيدان مەملىكەتلىك دوكتۇر ئاشتىلار مۇنبىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ھەم شىنجاڭدىكى دوكتۇر ئاشتىلار تەتقىقات كۆچمە پونكىتىنىڭ بىرىنچى قېتىم مەملىكەت خاراكتېرلىك ئىقتىساد ساھەسىدىكى دوكتۇر ئاشتىلار مۇنبىرىنى ئۆتكۈزۈشى ئىكەن. مۇنبەر ئاساسلىقى يېپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ساھەسىدىكى دوكتۇر ئاشتىلارنىڭ ئىلىم ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، پەنلەر تەرەققىياتى ۋە مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دوكتۇر ئاشتىلارنىڭ تەتقىقات سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇپ، تەتقىقات نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، پەنلەرنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئىگىلىشىنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

  شۇ كۈنى، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى داڭلىق مۇتەخەسسىسلەر، تەتقىقاتچىلار مەخسۇس تېمىدا دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلىنىپ، ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىنى تونۇشتۇرۇپ، مۇنبەرگە قاتناشقۇچىلار بىلەن يېپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى، ئىككى يىغىن روھىغا بىرلەشتۈرۈپ يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدىكى دۆلەت ئىستراتېگىيەسى، فۇنكسىيە ئورنى، كەسىپلەر قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش، تۈزۈم مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردە، بولۇپمۇ زور مەبلەغ سېلىش يۆنىلىشى ۋە تۈرلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەسىرى ۋە يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنىڭ ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيەسى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇرلاپ مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

  شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى پولات ئابدۇقادىر مۇنبەر ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، يېڭى مەسىلىلەر ۋە پۇرسەتلەر توختىماي بارلىققا كەلدى، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى قۇرۇلۇشى، ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى ۋە يېپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ ئۇلىنىشى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قايتىدىن ئورۇن بەلگىلىشى، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسى ۋە يېپەك يولى فوندىنىڭ يۈرۈشتۈرۈلۈشى، شىنجاڭ بىلەن ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ ئىش تەقسىمات ۋە ماسلىشىشى قاتارلىق تېمىلارنىڭ ھەممىسىنى يەنىمۇ مۇھاكىمە قىلىش ۋە تەتقىق قىلىش كېرەك. شۇڭا بۇ قېتىمقى يىغىن ناھايىتى زۆرۈر ھەم ۋاقتىدا ئېچىلدى، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەر، تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك كارخانىلار بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى خالايدۇ ھەمدە بۈگۈنكى يىغىنغا قاتناشقان دوكتۇر ئاشتىلار، دوكتۇر ئاشتىلار كۆچمە پونكىتلىرى ۋە خىزمەت پونكىتلىرىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئۈستۈنلۈكىدە تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، بىرلىكتە يېپىك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ ئەقىل- پاراسىتى بىلەن تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.

  مەملىكەت بويىچە يىغىلغان داڭلىق مۇتەخەسسىس ۋە تەتقىقاتچىلار ئايرىم-ئايرىم «يېپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنىڭ نىشانى ۋە قۇرۇلۇش يولى»، «بىر بەلباغ، بىر يول ۋە چوڭ دۆلەت ئىستراتېگىيەسى»، «جۇڭگو (شىنجاڭ) ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش مەسىلىسى»، «جۇڭگونىڭ يېپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە دۇچ كەلگەن خەلقئارا مۇھىت» قاتارلىق تەرەپلەردە باش تېما دوكلاتى بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر