باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دوكتور ئاشتىلار خىراجەت ياردىمىگە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ

2016.07.26 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2016 - يىللىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دوكتور ئاشتىلارغا ياردەم بېرىش خىراجىتى بويىچە تاللاپ ئۆستۈرۈش، باھالاش خىزمىتى يېقىندا قانات يايدۇرۇلۇپ، ئىلغار دوكتور ئاشتى پەن تەتقىقات سەييارە پونكىتى، خىزمەت پونكىتى، يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيەت بازىسى ۋە مۇنەۋۋەر دوكتورئاشتى قاتارلىقلار تاللاپ چىقىلىپ، ئۇلار ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 80 مىڭ يۈەن خىراجەت ياردىمىگە ئېرىشىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى تاللاپ ئۆستۈرۈش دائىرىسى ۋە ئوبيېكتى تۆۋەندىكىدەك ئورۇنلاشتۇرۇلغان: ئاپتونوم رايون دائىرىسىدىكى دوكتور ئاشتى پەن تەتقىقات سەييارە پونكىتى، خىزمەت پونكىتى، يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيەت بازىسى ۋە بېكىتى ياكى ئۈچ يىل ئىچىدىكى دوكتور ئاشتى تەتقىقات خادىملىرى ئىكەن. تاللاپ ئۆستۈرۈش، ياردەم ئۆلچىمى: «ئىلغار دوكتور ئاشتى پەن تەتقىقات سەييارە پونكىتى، خىزمەت پونكىتى، يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيەت بازىسى»دىن 18ى تاللىنىپ، ھەر بىر پونكىتقا 80 مىڭ يۈەن ياردەم بېرىلىدىكەن؛ «مۇنەۋۋەر دوكتور ئاشتىلارنىڭ كەسپى، تۇرمۇش ياردەم خىراجىتى بويىچە ئادەتتىكى ياردەم بېرىلىدىغان خادىملار»دىن 80 ى (بۇنىڭ ئىچىدە خىزمەت پونكىتىدىكى دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچىلار 50 تىن كۆپ بولۇشى كېرەك) تاللىنىپ، ھەر بىر ئادەمگە 30 مىڭ يۈەن ياردەم بېرىلىدىكەن؛ «مۇنەۋۋەر دوكتور ئاشتىلارنىڭ كەسپى، تۇرمۇش ياردەم خىراجىتى بويىچە ئالاھىدە ياردەم بېرىلىدىغان خادىملار»دىن 10 ى تاللىنىپ، ھەر بىر ئادەمگە 80 مىڭ يۈەن ياردەم بېرىلىدىكەن.ئىلغار دوكتور ئاشتى پەن تەتقىقات سەييارە پونكىتى، خىزمەت پونكىتى، يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيەت بازىسى پونكىتى تەسىس قىلغان ئورۇنلار ياردەم خىراجىتىنى ئىلتىماس قىلىشتا مۇناسىپ شەرت ھازىرلىغان بولۇشى، تەتقىقات تۈرى، تېما دائىرىسى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى ۋە ئۇل خاراكتېرلىك تەتقىقاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى تەرەققىيات ساھەسى ۋە يۆنىلىشى بىلەن ماسلاشقان بولۇشى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇشى، تەتقىقات تۈرى مۇھىم نەزەرىيەۋى ئەھمىيەتكە ۋە ئەمەلىي قوللىنىش قىممىتىگە ئىگە بولۇشى لازىم.

  مۇنەۋۋەر دوكتور ئاشتىلارنىڭ كەسپى، تۇرمۇش ياردەم خىراجىتى بويىچە ئادەتتىكى ياردەم ئىلتىماس قىلىشتا، ياردەم بېرىلىدىغان خادىملارنىڭ تەتقىقاتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى، پەن - مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان نۇقتىلىق قۇرۇلۇش، نۇقتىلىق پەن - تەتقىقات، ئاساسي تەتقىقات، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىياتى ئېھتىياجلىق ئىلمىي تەتقىقات تۈرلىرى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇشى، قانات يايدۇرغان ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتىنىڭ تېخنىكا لۇشيەنى ئېنىق، روشەن بولۇشى، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە ۋە يېڭىلىق يارىتىشچانلىققا ئىگە بولۇشى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان بولۇشى؛ ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىن يۇقىرى دەرىجىلىك پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى ياكى ئىلىمي شەرەپكە ئېرىشكەن بولۇشى لازىم. مۇنەۋۋەر دوكتور ئاشتىلارنىڭ كەسپى، تۇرمۇش ياردەم خىراجىتى بويىچە ئالاھىدە ياردەم ئىلتىماس قىلىشتا، ئادەتتىكى ياردەم ئىلتىماس قىلىش شەرتىنى ھازىرلىغاندىن باشقا، يەنە مۇناسىپ شەرت ھازىرلىغاندىن كېيىن ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

  بۇ قېتىم خىراجەت ياردىمى ئىلتىماس قىلىشتا، توردا ئىلتىماس قىلىش ۋە يازما ماتېرىيالنى يوللاپ ئىلتىماس قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، توردا ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى 7-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، يازما ماتېرىيالنى يوللاش ۋاقتى 8-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە بولىدۇ. كونكرېت تەپسىلاتىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تور بېكىتى ئارقىلىق(http://www.xjrs.gov.cn)تەكشۈرسە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر