باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ چېن: تاراتقۇلار «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ بىرگە يۈرگۈچىسى، مەدھىيەلىگۈچىسى، ئەلچىسى بولۇشى كېرەك

2016.07.27 16:00   مەنبە: خەلق تورى

ۋاڭ چېن: تاراتقۇلار «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ بىرگە يۈرگۈچىسى، مەدھىيەلىگۈچىسى، ئەلچىسى بولۇشى كېرەك

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26 -ئىيۇل، خەلق گېزىتخانىسى ئۇيۇشتۇرغان « تەقدىرداشلىق، ھەمكارلىق يېڭى ۋەزىيىتى يارىتىش» ئاساسىي تېما قىلىنغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تاراتقۇلار ھەمكارلىقى مۇنبىرى دۆلەتلىك يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە باش كاتىپى ۋاڭ چېن تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ھەر قايسى ئەل خەلقىنىڭ ئورتاق ئىشى. بۇ ئۇلۇغۋار پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تاراتقۇلار ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى چىقىرىشى لازىم.

  ۋاڭ چېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلق گېزىتى جۇڭگودىكى بىرىنچى چوڭ گېزىت ۋە دۇنيا بويىچە داڭلىق تاراتقۇ بولۇش سۈپىتى بىلەن 2014-يىلىدىن باشلاپ ئۇدا ئۈچ نۆۋەت «بىر بەلباغ، بىر يول» تاراتقۇلار ھەمكارلىق مۇنبىرى پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى. بۇ تەنتەنىلىك پائالىيەت جۇڭگودىكى ئاساسلىق تاراتقۇ ئۇيۇشتۇرغان كۆلىمى ئەڭ چوڭ، قاتناشقان دۆلەت ئەڭ كۆپ، قاتناشقان چەت ئەل تاراتقۇلىرى ئەڭ كۆپ، ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ۋە زور تەسىر كۈچكە ئىگە يەر شارى تاراتقۇلار ھەمكارلىق مۇنبىرى بولۇپ، ھەر قايسى ئەللەر ئۆز ئارا چۈشىنىش، تاراتقۇلار ئارا ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تاراتقۇلار «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·«جىددىي ھالەت» ئاستىدا تۇنجى زۇڭتۇڭ بۇيرۇقى ئىمزالاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەقلىق دەرس تولۇقلاش ۋە سوۋغات قوبۇل قىلىش مەسىلىلىرىنى تىزگىنلەيدۇ 
    ·بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆسمۈرلەر ئاخبارات تارقىتىش ئىنستىتۇتى قۇرۇلدى
    ·ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نامىدىكى ئالدامچىلىقلاردىن ساقلىناي دېسىڭىز، بەش ئىشقا دىققەت قىلىڭ
    ·تۈزۈم قەپىسىنى چىڭىتىپ، ئىلىمدىكى ناچار قىلمىشلارنى تۈزەيلى
    ·سانجى شەھىرى تەڭرىتاغ 1-نومۇرلۇق مۇزلۇقىنى قوغداش پونكىتى تەسىس قىلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: پىروفېسسور بولۇش ئۈچۈن چوقۇم تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس ئۆتۈش لازىم
    ·مەركەز تارماقلىرىغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى
    ·سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىنكى ئەنقەرە كوچىلىرى
    ·شىنجاڭ 2016-يىللىق تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش 16-ئىيۇل رەسمىي باشلاندى